مەزكۇر ئۇيۇشما، دىنى خارەكتېرسىز، تەشكىلاتسىز، سىياسى تۈس ئالمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇپ، ئوغۇز نامىدا 2009 - يىلى 11- ئايدا پارىژدا قۇرۇلدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىش ئىستىكىنىڭ ئېشىشى بىلەن، سانى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ 400 دىن ئاشقانلىقى تۇرتكىسى ئاساسىدا، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمى ۋە مەدىنى پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغان بىر ئۇيۇشما قۇرۇش زۆرۇر بولدى ۋە بۇ ۋەجىدىن ئوغۇز مەيدانغا كەلدى.